باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قويتۆگە تەڭرى تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە ماكانلاشتى

2014.11.21 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇنىرىددىن تۇنياز، تۇردى راخمان، خې چۈنلىن خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 198 قويتۆگە يىراقتىكى ئاۋسترالىيەدىن كەلتۈرۈلۈپ تەڭرى تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان تۆمۈر چوققا باغرىغا ماكانلاشتى. بوي ئېگىزلىكى 1.5مېتىرچە كېلىدىغان بۇ جانىۋار ئىنتايىن ئوماق بولۇپ، قارىماققا ناھايىتى يوغان قويغا ياكى بوتلاققا ئوخشايدۇ.

  باقمىچى يەن شۇپىڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قويتۆگىنى تېلېۋىزوردىن كۆرگەن ئىدىم، 13 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىن كەلتۈرۈلگەن بۇ جانىۋار ناھايىتى تېزلا بۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا ماسلىشىپ كەتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، قويتۆگىنىڭ ئۆمرى 20 يىل ئەتراپىدا بولۇپ، ھەممە يېرى گۆھەر ھېسابلىنىدىكەن. قوي تىۋىتى بىلەن تۆگە تىۋىتىنى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بايلار يۇمشاق ئالتۇن دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، بازىرى ئىتتىك ئىكەن. بۇ قېتىم كىرگۈزۈلگەن قويتۆگىنىڭ بىرى 80 مىڭ يۈەن بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم تۆللەيدىكەن. يېرىم ياشقا كىرگەن قويتۆگە 20، 30 مىڭ يۈەنگە يارايدىكەن. يېتىلگەن قويتۆگىدىن بىر يىلدا 4، 5 كىلوگرام ئەتراپىدا تىۋىت چىقىدىكەن. ياۋروپا، ئامېرىكا بازىرىدا بىر كىلوگرام تىۋىت 1250 دوللار ئەتراپىدا سېتىلىدىكەن. يەنى بىر تۇياق قويتۆگىنى بىر قېتىم قىرقىسا 40 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدىكەن.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر