باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىشى توغرىسىدا پىكىر تارقىتىلدى

2014.11.24 12:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى بىرلىشىپ تارقىتىپ، دېمۇكىراتىك مېخانىزىمنى مۇكەمەللەشتۈرۈش، سودا ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش، مالىيە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنى كۈچەيتىش ۋە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرىگە كونكىرت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. تارىخىي سەۋەب تۈپەيلىدىن بەزى جەمئىيەت، سودا جەمئىيەتلىرى، فوند قاتارلىقلارنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ، بۇ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار «جەمئىيەت» دېگەن نامدا ھوقۇقىنى ئاشۇرۇپ ئىشلەتتى. قىسمەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار باش مەسئۇل تارماقلارنىڭ تەسىر كۈچىگە تايىنىپ، تۈرلۈك ھەقلىق مۇلازىمەت، ھەقلىق پائالىيەت، ھەقلىق باھالاش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللاندى. بۇنىڭغا قارىتا پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ كەسىپىي مەسئۇل تارماقلارنىڭ تەسىرى ياكى مەمۇرىي بايلىقتىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىشىغا، قولىدىكى ئەزالارنىڭ ئۇچۇرلىرى، ساھەلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى، ئىئانە قىلغۇچى ياكى ئىئانە قىلىنغۇچىنىڭ ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق پايدا ئېلىشىغا ھەرگىز بولمايدۇ. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆلچەمگە يېتىشنى باھالاش تەقدىرلەش تۈرىنى تەسىس قىلىشىغا ۋە ھەق يىغىشىغا بولمايدۇ، تۈرلۈك ئۇسۇللاردا كارخانا ياكى شەخسنى جەمئىيەتكە ئەزا بولۇشقا مەجبۇرلاش، ئەزالىق ھەققى تەقسىم قىلىش، ئىئانە توپلاشقا ئەۋەتىش، ئىئانە ئېلىش، ياردەم پۇل تەلەپ قىلىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر