باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خوڭ لېي ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش خېتىگە قارىتا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2014.11.24 12:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 22-نويابىر ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئۆزىنى ئاقلاش خېتىگە قارىتا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇخبىرنىڭ 21-نويابىر ياپونىيە ھۆكۈمىتى دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ياسوكونى ئىبادەتخانىسى مەسىلىسىدە ئۆزىنى ئاقلىدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ، دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللار ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى. جۇڭگو بۇ ئارالنىڭ مۇنازىرىسىز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە .جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ. بىز ياپونىيىدىن جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلارنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز.جۇڭگو ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئا دەرىجىلىك جىنايەتچىلەرنىڭ ئەرۋاھ تاختىسى قويۇلغان،تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى پەردازلانغان ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىش قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ياپونىيىدىن تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا ھەقىقىي توغرا قارىشى ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ياپونىيىنى ۋەدىسىگە رىئايە قىلىپ، سەمىمىيىتىنى كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تۆت نۇقتىلىق پرىنسىپ ئورتاق تونۇشىنى قوغداپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يولۇقۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر