باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىدە ئاخىرىدا قانداق نەتىجە ھاسىل بولىدۇ؟

2014.11.24 12:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋېئېنادا تۆنۈگۈن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش سۆھبىتى ئاخىرى بىر ئاچقۇچلۇق پەيتكە يېقىنلاشتى، ھەر قايسى تەرەپلەر پات ئارىدا ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا جەنۋە كېلىشىمىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيەدىن ئىبارەت ئالتە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى كۆپ نۆۋەت كېڭىشىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئۇزاق مۈددەت ھەل قىلىش لايىھىسى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدەنگەن ئىدى. ئەمما ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا نەتىجە يەنىلا ئېچىۋېتىلگەن ھالەتتە بولۇپ، ھەرقانداق نەتىجە يۈز بېرىش ئىھتىمالى مەۋجۈت. ئۆتكەن بىر نەچچە كۈنلۈك سۆھبەتتىكى ئىلگىرىلەش ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەر چوڭقۇر ئويلاشقاندىن كېيىنكى گەپ سۆزلەردىن قارىغاندا سۆھبەتتە ئاساسىي جەھەتتىن تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل نەتىجە ھاسىل بولىشى مۈمكىن:

  بىرىنچى خىل نەتىجە؛ سۆھبەتتىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك نىشان بولغان 24-نويابىر ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل بولۇش ئاساسەن مۈمكىن ئەمەس. ئالتە دۆلەت ۋە ئىران بېكىتكەن 24-نويابىردىكى ئەڭ ئاخىرقى مۈددەتكە ئىككى كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت قالغاندا، ئىككى تەرەپ ئىراننىڭ ئۇراق قۇيۇلدۇرۇش كۆلىمىنى چەكلەش، ئىراننى جازالاش ۋاقىت جەۋدىلىنى ئەمەلدىن قالۇرۇش قاتارلىق يادرولۇق مەسىلىلەردە يەنىلا بۆسۈش خاراكتىرلىك نەتىجە ھاسىل قىلالمىدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 21-نويابىر ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن كۆپ نۆۋەت يېپىق كېڭەشكەندىن كېيىن تاشقى ساھەگە ئىككى تەرەپتە يەنىلا «بەزى ئېغىر ئىختىلاپلار مەۋجۈت» بولماقتا دېدى. ئەنگىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى خامىندىمۇ ھەر قايسى تەرەپ ئاخىرقى مۈددەت توشۇشتىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تىرىشماقتا، نۆۋەتتە سۆھبەتتە كۆرىنەرلىك ئىختىلاپ ساقلانماقتا، دېدى.

  ئىككىنچى خىل نەتىجە: ئالتە دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ ھىچقايسىسى مۇھىم ماھىيەتلىك يول قويۇشقا قوشۇلمايدۇ، سۆھبەت بۇزىلىدۇ، بۇ خىل مۈمكىنچىلىك ئانچە چوڭ ئەمەس. ئالدى بىلەن بۇ خىل نەتىجە ھەر قايسى تەرەپنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، بۇ بىر ئاپەت خاراكتىرىلىك نەتىجە، ئىككىلا تەرەپ بۇنى خالىمايدۇ. ئىران يادرو پىلانىنى قايتىدىن باشلىشى مۈمكىن، بۇ رايون ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. غەرب ئىراننى ئومۇميۈزلۈك جازالاشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئىراننىڭ ئىقتىسادىي تېخىمۇ سۇسلىشىدۇ. جەنۋە كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئىران بىر قىسىم يادرو قۇراللىرىنى توڭلىتىش پىلانىنىڭ بەدىلىگە غەربنىڭ ئىرانغا بولغان جازاسىنى بوشىتىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ، سۆھبەت بۇزۇلغان ھامال بۇ ئىجابىي ئىلگىرلەشلەر يوققا چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، ئوباما ھۆكۈمىتى بىلەن روھانى ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان نۇرغۇن سىياسىي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مىسلىسىز پۈرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاشتى. مەغلۇپ بولۇش ئىككى تەرەپ ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن بىردەك زەربە بولىدۇ.

  ئۈچىنچى خىل نەتىجە: سۆھبەتنىڭ مۇددىتى يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە ئۇزارتىلىدۇ، ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران داۋاملىق سۆھبەتلىشىدۇ. بۇ خىل مۈمكىنچىلىك بىر قەدەر زور. ئەسلىدە بۇ يىل 2-ئايدا باشلىنىدىغان ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم سۆھبىتى 7-ئايدا ئاياغلىشاتتى، كېيىن ئىككى تەرەپ 11-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە ئۇزارتىپ، سۆھبەتلىشىدىغان ھەر قايسى تەرەپلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۈرسەت بېرىشنى قارار قىلدى، بىر قېتىم ئۇزارتىلغانكەن نىمە ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇزارتقىلى بولمايدۇ؟ سۆھبەتلىشىدىغان ھەر قايسى تەرەپلەر داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنى تاللىسىمۇ، سۆھبەتنىڭ بۇزۇلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان سىياسىي ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغىسى كەلمەيدۇ. سۆھبەت داۋاملاشسا، ھازىرقى ئەھۋال ساقلاپ قېلىنسا بۇ ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە قايتىدىن قارشلىشىش يولىغا مېڭىشتىن كۆپ ياخشى.

  خەۋەرگە قارىغاندا، ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر سۆھبەت ۋەكىلى تۆنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە سۆھبەتتە مۈددەتتىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۈمكىن ئەمەس، سۆھبەت كېچىكتۈرۈلۈشى مۈمكىن. بۇ سۆھبەت ۋەكىلى مۇنداق دېدى: ۋاقىتنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، نۇرغۇن تەپسىلاتلار تېخى بېكىتىلمىدى، 24-نويابىر مۈددەت ۋاقتى توشۇشتىن ئىلگىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۈمكىن ئەمەس. ئەلۋەتتە، ئىران سۆھبەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئامېرىكا ئاخىرىغىچە بوشاشمايدۇ. بولمىسا ھازىر سۆھبەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ھەققىدە توختىلىش ئىراننى تېخىمۇ كۆپ يول قويۇشقا مەجبۇرلاش پۇرستىنى يوقىتىدۇ.

  تۆتىنچى خىل نەتىجە: ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران ئاخىرى بىر رامكا خاراكتىرىلىك ھۆججەت ھاسىل قىلىدۇ، يەنى ئومۇمىي سىياسىي كېلىشىم ھاسىل قىلىدۇ، بۇ خىل ئىھتىماللىق يەنىلا مەۋجۈت.مەيلى نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، 24-نويابىرنىڭ 10 نەچچە يىل داۋاملاشقان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە سۆھبىتىدىكى بىر مۇھىم نامايەندە بولۇشى مۇقەررەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر