- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: يىل ئاخىرىدا پويىز بېلىتىنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ دېگەن خەۋەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس
2014.11.21 16:42 مەنبە: خەلق تورى
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «پويىز بېلىتى ئەڭ تېز بولغاندا يىل ئاخىرىدا ئۆستۈرۈلىدۈ» دېگەن خەۋەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.
بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەنىدى: 9-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ قەرزى 3 تىرىليون 430 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى 3 تىرىليون 60 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى 3 تىرىليون 430 مىليارد يۈەندىنمۇ خېلىلا كۆپەيدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ ئومۇمىي مەبلىغى 5 تىرىليون 450 مىليارد يۈەن بولۇپ، قەرز نىسبىتى %64.77تىن ئېشىپ كەتتى. ئادەتتىكى يولۇچى تىرانسپورتىنىڭ بېلەت باھاسىنى تەڭشەشنىڭ قەرەلى يېقىنلىشىپ قالدى، ئەڭ تېز بولغاندا يىل ئاخىرىدا تەڭشىلىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولغا قارىتا تۇراقسىز بېلەت باھاسى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى بۇ ھەقتە ھەر تەرەپتىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، بۇنىڭ يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باھا مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار خادىمىمۇ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ خەۋەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەرگە ئاساسلانغاندا، تۆمۈريول سېستىمىسى بېلەت باھاسىنى ئۆستۈرۈمەن دەپلا خالىغانچە ئۆستۈرەلمەيدۇ، چوقۇم بىر قاتار تەرتىپلەر ئۆتكۈزۈش، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش كېرەك، بولمىسا تەڭشىگىلى بولمايدۇ. (ۋاڭ چىفېڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر