باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەرقايسى بانكىلار ئامانەت ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈردى

2014.11.24 12:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن ھەپتىدە مەركىزى بانكا ئويلىمىغاندا ئۆسۈمنى تۆۋەنلىگەنلىكى ھەمدە ئامانەت ئۆسۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۇراقسىز ئارىلىقىنى جاكارلاپ ھازىرغىچە ھەرقايسى بانكىلارنىڭ يىللىق قەرەللىك ئامانەت ئۆسۈمىدە %3 بىلەن %3.3 ئارىلىقىدا پەرق بولدى. جۇڭگو بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ساۋ يۈەنجېڭ مۇنداق دېدى: گەرچە ئامانەت 0.25 پوئىنتى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆسۈمنىڭ تۇراقسىزلىقى 1.2 ھەسسە ئۆستى. جياڭسۇ بانكىسى، نەنجىڭ بانكىسى، سۇجۇ بانكىسى، نىڭبو بانكىسى، پىڭئەن بانكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن قويۇپ پۈتۈن ئالىدىغان بارلىق قەرەللىك ئامانەتنىڭ ئۆسۈمىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى %20گە ئۆستۈردى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى بىر يىللىق ئۆسۈم يەنە تەڭشىلىشتىن بۇرۇنقى تۇراقسىزلىقنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى بولغان %3.3 نى ساقلايدۇ. 3 يىللىقنىڭ ئۆسۈمى %0.125 ئۆسۈپ، %4.8كە يەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا خاڭجۇ بانكىسى، خۇاشيا بانكىسى، بېيجىڭ بانكىسى، جۇڭشىن بانكىسى قاتارلىقلار بىر يىللىق ئىچىدىكى ئامانەت ئۈسۈمىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزدى؛ شىڭيې بانكىسى، پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى، شاڭخەي بانكىسى قاتارلىقلارمۇ ئۈچ ئايلىق، ئالتە ئايلىق، بىر يىللىق قەرەللىك ئامانەت ئۆسۈمىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى %10كە يەتكۈزدى. دۆلەتنىڭ 4 چوڭ سودا بانكىسىمۇ بىر يىللىق قەرەللىك ئامانەتنىڭ ئۈسۈمىنى بىردەك %3كە تەڭشىدى.ئىمىنجان ئىسمائىل

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر