باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكىنى بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ

2014.11.24 12:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى شىتەيىنمىل 22-نويابىر ۋېنادا مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش سۆھبىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكىنى ھازىر بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، بۇ بۇندىن بىر قانچە كۈندىن كېيىنكى سۆھبەتكە باغلىق، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت ھال قىلغۇچ پەيتنى كۈتۈۋالدى، خەلقئارا جەمئىيەت ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئەزەلدىن بۇنداق يېقىنلىشىپ باقمىغان. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سۆھبەتنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ئىجابىي بولدى، گەرچە كۆپلىگەن مەسىلىلەردە يەنىلا ئىختىلاپ ساقلانغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ. شىتەيىنمىل مۇنداق دېدى: ئىران، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى ياساش ئېھتىماللىقىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى، بۇ ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىنىڭ ئۆلچىمى، سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىنى باھالايدىغان ئاساس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر