- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى باشقىلارنىڭ نامىدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىنى ئېلىۋالغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى، ئۇنىڭ ئۆيىدىن 267 دانە پۇل ئامانەت دەپتىرى تېپىلدى
2014.11.18 10:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى شىنئەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشقا قارىشى تۇرۇش خادىملىرى شۇ ناھىيەنىڭ ۋۇتو بازىرى خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جىڭخۇانىڭ ئۆيىنى تەكشۈرگەندە 267 دانە پۇل ئامانەت دەپتىرى تېپىلغان. بۇ پۇل ئامانەت دەپتەرلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرىلا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بولۇپ، قالغانلىرىنى ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ۋە بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەر تەمىناتىدىن بەھىرمەن بولىدىغان ئاممىدىن يىغىۋالغان ئىكەن. ئۇ مۇشۇ پۇل ئامانەت دەپتەرلىرىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىدىن بەھىرمەن بولىدىغان ئاممىنىڭ 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. ئۇ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتى، خىيانەتچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى ھەمدە 80 مىڭ يۈەن قىممىتىكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر