- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كورېيە جىگەر راكى ھۈجەيرىسىنىڭ كېڭىيىش سەۋەبىنى بايقىدى
2014.11.18 13:33 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يېقىندا كورېيە پەن تەتقىقات خادىملىرى جىگەر راكى ھۈجەيرىسىنىڭ پۈتكۈل بەدەنگە كېڭىيىش سەۋەبىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى: ئاكتىپ ئوكسېگىن مولېكۇلاسى جىگەر راكى ھۈجەيرىسىنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بۇ بايقاش بۇ خىل جان ئالغۇچى كېسەلنى داۋالاشتا يېڭى يول ئاچىدىكەن.
كورېيە تەتقىقات خادىملىرى ئاكتىپ ئوكسېگىن مولېكۇلاسى ئېپتىلىيە كالتسىي يېپىشقاق ئېلېمېنتىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئېپتىلىيە كالتسىي يېپىشقاق ئېلېمېنتى بولسا راكنىڭ ئۆسۈشىنى تەبىئىي تىزگىنلىگۈچى ماددا. ئېپتىلىيە كالتسىي يېپىشقاق ئېلېمېنتىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئاكتىپ ئوكسېگىن مولېكۇلاسى بىلەن راك ھۈجەيرىسىنى جىگەردىن ئايرىپ، بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغا تارقىتىدىكەن.
جىگەر راكى بولسا كورېيەدىكى ئۆلۈش سەۋەبىنىڭ ئۈچىنچىسى ئىكەن. شۇنداقلا 40 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنىڭ ئىككىنچىسى ئىكەن. راك ھۈجەيرىسى ئاسانلا يۆتكىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بىمارلارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىنكى بەش يىلدا ھايات قېلىش نىسبىتى %10 كە يەتمەيدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر