باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ياشانغاندا كۈتىنىش ئاپپاراتلىرىنىڭ شپاخانا ۋە پەرۋىش پونكىتلىرىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى

2014.11.25 14:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا ياشانغاندا كۈتىنىش ئاپپاراتلىرىنىڭ شپاخانىلىرى، پەرۋىش قىلىش پونكىتلىرىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىنى بېسىپ تارقاتتى، ياشانغاندا كۈتىنىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى شپاخانا، پەرۋىش قىلىش پونكىتىلىرىدىكى خادىملار، ئۆيلەر، ئەسۋابلار ۋە تۈزۈم قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقاردى.

  ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە داۋالاش پەرۋىش قىلىش ئىھتىياجىنى ئويلاشقان ئاساستا ئۆلچەمدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ياشانغاندا كۈتىنىش ئاپاراتلىرىنىڭ شپاخانا ۋە پەرۋىش قىلىش پونكىتلىرىنىڭ ئومۇمىي لايىھىسى توسالغۇسىز بولۇش تەلپىنى قاندۇرۇش، ئاساسىي كەسپىي ۋراش سەپلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، رويخەتكە ئالدۇرۇلغان سېستىرا ۋە پەرۋىش قىلغۇچىلارنى كۆپەيتىپ سەپلەپ بېرىش كېرەك. ياشانغاندا كۈتىنىش ئاپپاراتلىرىنىڭ شپاخانىلىرىدا ئاز دېگەندە بىرەيلەن كەسىپىي ۋراش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان بولۇشى، رويخەتكە ئالدۇرۇلغاندىن كېيىن داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىدا بەش يىل ئىشلىگەن بولۇشى، سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى كىلىنكىلىق تۈرىدىكى ۋراش ياكى جۇڭگوچە تىبابەت تۈرىدىكى ۋراش بولۇشى، ئاز دېگەندە رويخەتكە ئېلىنغان بىر سېستىرا بولۇشى كېرەك. ياشانغاندا كۈتىنىش ئاپپاراتىدىكى پەرۋىش قىلىش پونكىتلىرىدا ئاز دېگەندە سېستىرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۈنۋانغا ئىگە رويخەتكە ئېلىنغان ئىككى سېستىرا بولۇشى، ئاز دېگەندە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى بىر خادىم بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر