كارۋان
ھوسۇللۇق فوتوگراف ئابلىز غۇجامنىياز 1982-يىلىدىن باشلاپ فوتو ـ سۈرەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك فوتو ـ سۈرەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، 59 قېتىم مۇكاپاتلانغاندىن باشقا يەنە دۇنيا فوتوگرافلىق ژۇرنىلىدىمۇ بىر قانچە قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ۋەكىل خاراكتېرلىك فوتو ـ سۈرەتلىرىدىن دادامنىڭ قولى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ئولتۇراق ئۆيى، يىپەك يولىدا ئايدىڭ، كىچىك قىزچاق، ئۆچمەس كۈي، ئىز قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
فوتوگراف ئابلىز غۇجامنىياز 1994-يىلى شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى بىلەن بىرلىشىپ ژۇرنال بېتىدە فوتو ـ سۈرەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن. 1997-يىلى ئۈزۈم بايرىمى مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ چوڭ تىپتىكى «گۈزەل تۇرپان» ناملىق فوتو ـ سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزگەن. 2011-يىلى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان فوتوگرافلارنى تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيەسى دالانكارىز يېزىسىغا تەكلىپ قىلىپ كېلىپ تۇرپاندا چېچەك بەزمىسى ناملىق ئىجادىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.