خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 23-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئەنگلىيەلىك فوتوگراف ساندى فورد تارتقان قوشكېنزەك بوۋاقلارنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كىشىلەرنى ھاياجانغا سالغان.
سۈرەتتىكى قوشكېنزەكلەر ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدا ياتقاندەك ئۆز ئارا يىپىشىپ ئۇخلاۋاتقان بولۇپ؛ بىر بوۋاق قولىنى يەنە بىر بوۋاقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇۋالغان بولۇپ، خۇددى ھەمراھىنى قوغداۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ؛ يەنە بىر كۆرۈنۈشتە بىر بوۋاق قوللىرىنى يۈزىنىڭ ئاستىغا قۇيۇۋالغان بولۇپ، پۇتىنى پاقىدەك تۈگۈۋالغان. بۇ ئوماق كۆرۈنۈشلەر ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
خەلق تورى