جۇڭگو كەچلىك گېزىتچىلىكىنىڭ يىللىق يىغىنى 14-نويابىردىن 17-نويابىرغىچە غەربىي دىياردىكى قەدىمىي شەھەر قەشقەردە ئېچىلدى. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق كەچلىك گېزىتنىڭ باش مۇھەررىر، تەھرىر بۆلۈم مۇھەررىرلىرى ۋە مۇخبىرلىرى قەشقەرگە جەم بولۇپ، قەشقەر كوناشەھەر رايونى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى.