باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى كۆچمە نوپۇس 245 مىليونغا يەتتى

2014.11.20 09:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 18-نويابىر «جۇڭگودىكى كۆچمە نوپۇسنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە دوكلات(2014)»نى ئېلان قىلدى. 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكىتىمىزدىكى كۆچمە نوپۇس 245 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 6/1 دىن ئېشىپ كەتكەن.

  دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى كۆچمە نوپۇس 245 مىليون يەتتى، كۆچمە نوپۇسنىڭ ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرگە توپلىنىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كۆچمە نوپۇس مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىمىز 2015-يىلدىن باشلاپ ئېلېكترونلۇق نىكاھ-تۇغۇت ئىسپاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ، كۆچمە نوپۇسلار سىرتقا چىققاندا قەغەز ئىسپات ئېلىپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ. (مۇخبىر لۇ پېيفا خەۋىرى ؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر