تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قوغلاش» تىكى كېن تاكاكۇرا (ماتېرىيال سۈرەت) خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ياپونىيە ئورتاق ئاگېنتلىقى 18-نويابىر بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەلىك ئەر ئارتىس كېن تاكاكۇرا 10-نويابىر لىمفا راكى سەۋەبىدىن 83 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى، 2012-يىلى قويۇلغان« قەدىرلىكىم ساڭا» دېگەن فىلىم ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى بولۇپ قالغان.
كېن تاكاكۇرا، ئەسلى ئىسمى ئودا تاكانىچى، ياپونىيەلىك داڭلىق ئەر ئارتىس، 1978-يىلى ئۇ باش رول ئالغان «قوغلاش»جۇڭگودا قويۇلغاندىن كېيىن ، زور تەسىر قوزغىغان.كېن تاكاكۇرامۇ شۇ دەۋرىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ چوقۇنىدىغان ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. بۈگۈنگە قەدەر ، كېن تاكاكۇرا 204 كىنو ئىشلىگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى