باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن ۋاپات بولدى

2014.11.18 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايون، دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ مۇئەييەن تەسىرى بار دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رەسسام، ھاياتىنى مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە گۈزەل سەنئەت مائارىپىغا بېغىشلىغان مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ئوغلانى ئابدۇكېرىم نەسىردىن 18-نويابىر 67 يېشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.

  ئابدۇكېرىم نەسىردىن 147-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، 1963-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ گۈزەل ـ سەنئەت كەسىپىي تېخنىكومىنى، 1967-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)نىڭ گۈزەل ـ سەنئەت تولۇق كورسنى، 1981-يىلى مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتى ماي بوياق رەسىم فاكۇلتېتىنىڭ ئاسپىرانتلار سىنىپىنى پۈتتۈرگەن.

  ئابدۇكېرىم نەسىردىن دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رەسسام، پىروفېسسور، مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتى، شىئەن گۈزەل ـ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى بولۇپ، جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ماي بوياق رەسىم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

  ئابدۇكېرىم ئاكىمىزنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى ئەلكۈيى، ئىزدىنىش قاتارلىق تور بەتلەردە شۇنداقلا ھەر قايسى ئۈندىدرا سۇپىلىرىدا تارقىتىلىپ، كۆپچىلىك مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا ئاسايىشلىق تىلىدى. مەرھۇمنىڭ نامىزى چارشەنبە كۈنى يەنى 19-نويابىر پېشىندا ئۈرۈمچى نوغاي مەسچىتىدە چۈشۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر