باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ماتاڭ شاھى ئادىلجان شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخس بولۇپ باھالاندى

2014.11.18 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (مۇخبىر ھەبىبە ئىسمائىل خەۋىرى) 16-نويابىر چۈشتىن كېيىن، 2014-يىللىق «شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخس» نى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بەش توننا سوقماقنى يۈننەندىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلغان، ياڭاق شاھى ئادىل مەمەتتۇرسۇنمۇ شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخسنىڭ بىرى بولۇپ سايلاندى.

  «شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس» ئادىل مەمەتتىن باشقا يەنە .بىر ئۆمۈر جياۋيۈلۇ روھىدىن ئۆگىنىپ كەلگەن ئابلىم ئابلىز، ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزىۋالغان قەھرىمان شىرئەلى ھەبىي، «ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسى» جۇ لىنا، ئۈچ قېتىم شىنجاڭدا ھەقسىز داۋالاش ۋە ئوپىراتىسىيە ئېلىپ بارغان جا جىڭخۇي، بەش توننا ياڭاق سوقمىقىنى يۈننەندىكى ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلغان ئادىل مەمەتتۇرسۇن، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تىرىشقان لى يۈەنمىڭ، 16 يىل شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشقان دارخەنچ سۇبۇت، خەلققە يېقىن، خەلقنى سۆيىدىغان سېكرېتار مەمەت نەمەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى يەتكۈزگەن مادەنبەك ئەركەش، شەخسىيەتسىز ئىللىقلىق يەتكۈزگەن سۇ يۈچىنلار 2014-يىللىق «شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن 10 چوڭ شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

  بىز ئادىلجاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر