باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى تۇنجى قېتىم باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

2014.11.13 16:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق زۇڭتۇڭى مەسۇم ئۈلۈشكۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادقا يېتىپ بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى ئابدۇللا بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە رايون مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىراق بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىبارەت ئىككى ئەرەب دۆلىتى ئۆتكۈزگەن تۇنجى باشلىقلار سۆھبىتى. ئىراق بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇناسىۋىتىدە 2010-يىلى مالىك ئۇدا ئىراقنىڭ زۇڭلىسى بولغاندىن كېيىن ئارازلىق پەيدا بولغان ئىدى. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، سۈنئىي مەزھىپىدىكى چوڭ دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستانى مالىك رەھبەرلىكىدىكى شىئەپەرەس چوڭ دۆلەت ئىراقنىڭ سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ كەلدى. مالىك سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن قاتارنى ئىراقتىكى سۈنئىي مەزھىپىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلاتنى پەردە ئارقىسىدا قوللىدى دەپ ئەيىبلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر