باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

APEC دا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇپ، ھارامماللارنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ‹‹كەڭ تورى›› يېيىلدى

2014.11.13 14:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – نويابىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – نويابىر ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) نىڭ 22 – قېتىملىق باشلىقلار بىرەسمىي يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسىي نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىق تورى ئورنىتىپ، قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇپ، ھارام ماللارنى قايتۇرۇپ كېلىش، قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقى ئورنىتىش جەھەتلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇ APEC ئەزالىرىنىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ‹‹چىرىكلەشكەنلەرنىڭ پاناھ جايى››نى بىرلىكتە يوقىتىشىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك ئىش. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو پاكلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى گاۋ بو مۇنداق دېدى: بۇ سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، چىرىكلىشىشكە ئورتاق زەربە بېرىشنىڭ دۇنياۋى ئورتاق تونۇشقا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ ئورتاق تونۇش 8 – نويابىر APEC نىڭ 26 – قېتىملىق مىنىستىرلار يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹بېيجىڭنىڭ چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىتابنامىسى››دە ئەكس ئەتتۈرۈلدى، بۇ جۇڭگونىڭ يېتەكچىلىكىدە تەييارلانغان تۇنجى خەلقئارالىق چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىتابنامىسىدۇر.

  ‹‹خىتابنامە››دە مۇنداق دېيىلدى: تەرەپلەر ‹‹ئۆتكۈزۈپ بېرىش، قانۇن يۈرگۈزۈشتە ھەمكارلىشىش، چىرىكلەشكەنلەرنىڭ ھارام ماللىرىنى قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر›› ئارقىلىق چىرىكلىشىشنى تۈگىتىش ھەم ‹‹ئۆز ئىقتىسادىي گەۋدە قانۇنى يول قويغان دائىرە ئىچىدە چىرىكلەشكەنلەرنىڭ ھارام ماللىرىنى تېخىمۇ جانلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقى›› توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

  ‹‹بۇ جۇڭگونىڭ ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق APEC ئەزالىرى بىلەن بولغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ››، دېدى گاۋ بو.

  تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشتىن چىرىكلىككە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقىچە

  2001 – يىلى APEC نىڭ شاڭخەي يىغىنى ئېچىلغاندا، ئامېرىكا ‹‹11 – سېنتەبىر››تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىتابنامىسى ئېلان قىلدى؛ 2014 – يىلى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر قۇرۇلما خاراكتېرلىك تەڭشەش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەقەززا بولۇۋاتقاندا، چىرىكلىشىش ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا توسقۇنلىق قىلىدىغان ‹‹ئۆسمە››گە ئايلاندى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، دۆلەت ھالقىغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى پاك باشقۇرۇش APEC ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋاپىق تاللىشىغا ئايلاندى.

  ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بولارد يىغىن مەزگىلىدە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىشنىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. گاۋ بو: ‹‹بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق تۈرتكىسىدە ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى قاتتىق چۆچۈتىدۇ››، دېدى.

  ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى بىر مەزگىل چەت ئەلگە قاچقان خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ ئاساسلىق بارار جايىغا ئايلانغانىدى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى چېڭيەن: دېلوغا چېتىشلىق پۇلنىڭ قىممىتى كۆپ، سالاھىيىتى يۇقىرى بولغان چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق جۇڭگو بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى ئىمزالىمىغان دۆلەتلەرنى ‹‹بەكرەك بىخەتەر›› دەپ قارايدۇ، دېدى.

  بۇ قېتىمقى ئەھدىنامىنى ئىمزالىغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بار. بۇ، خەلقئارا چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش ‹‹سىمسىز تورى››نىڭ كۆپلىگەن ‹‹قىزىق نۇقتا رايون››لىرىنى قاپلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ يىل ئىيۇلنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو 38 دۆلەت بىلەن قوش تەرەپلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى تۈزگەن بولسىمۇ، ئۆلۈم جازاسى بېرىش مەسىلىسى جۇڭگونىڭ نورمال ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەمكارلىقىدىكى قانۇن جەھەتتىكى ئاساسلىق قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى. گاۋ بو مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېقىندا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بېكىتىشكە ئالاقىدار جىنايەتلەرنى يەنە بىر قېتىم تۈزىتىپ قىسقارتتى، بۇ ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەھەتتىكى ئەندىشىسى ۋە ئەدلىيە توسالغۇلىرىنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.

  ‹‹خىتابنامە›› ئەزا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ مۇۋاپىق ئەھۋال ئاستىدا قوش تەرەپلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالىشىغا ئىلھام بولدى، شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەتلىك شەكىللەرنى ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

  چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ ‹‹كەڭ تورى›› يېيىلدى

  ‹‹خىتابنامە››دە مۇنداق دېيىلدى: APEC چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىق تورى ئورنىتىشنىڭ نىشانى ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرى ئارىسىدا ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە تەجرىبە، تېخنىكىلارنى ئالماشتۇرۇشتىكى بىرەسمىي ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، چىرىكلىشىش، پارا بېرىش، پۇل يۇيۇش ۋە قانۇنسىز سودا قاتارلىقلارنى رازۋېدكا قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە ئەرز قىلىشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

  مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى ماتېرىيالىغا قارىغاندا، قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىق تورىنىڭ رەئىسلىكىنى شۇ يىللىق APEC چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئۈستىگە ئالىدىكەن، كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلىنىدىكەن، 80 ئەتراپىدا قانۇن ئىجراچىسى بولىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، ‹‹خىتابنامە››دە يەنە: چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى بىلەن چېگرا ھالقىغان پائالىيىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش كۈچەيتىلىپ، چىرىكلىشىش، پارا بېرىش ۋە قانۇنسىز مەبلەغ ئوبوروتىغا ئەڭ زور دەرىجىدە زەربە بېرىلىدۇ، دېيىلدى.

  جۇ شۇجېن مۇنداق دېدى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دۆلىتىمىزدىن چەت ئەلگە كېڭەيدى، پارا بېرىش، پۇل يۇيۇش، قانۇنسىز سودا قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ماھىيەتلىك كۈچەيتىلدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر