باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان شوپۇرلارغا بېلەت تاشلاڭ

2014.11.14 13:17         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇڭ ۋىنيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت باشقۇرۇشنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئون قەھرىمان شوپۇرنى باھالاش پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋسىيە قىلغان 52 – نومۇرلۇق ياڭ فۇيىڭ، 53 – نومۇرلۇق مەردان ئابلىمىت مەملىكەتلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئون قەھرىمان شوپۇر نامزاتىغا تاللانغان. ئاپتونوم رايون بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ‹‹ئەتراپىمىزدىكى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمانلارغا بېلەت تاشلايلى›› تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قەھرىمانلارغا ئاكتىپ بېلەت تاشلاشقا چاقىرىق قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئون قەھرىمان شوپۇرنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى: قاتناشقۇچىلار جۇڭخۇا ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش فوندىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى www.cjyyw.com//:http نىڭ باش بېتىگە كىرىپ، ‹‹قاراقۇرۇم مۇكاپاتى›› مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئون قەھرىمان شوپۇرنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ ‹‹بېلەت تاشلاش كۆزنىكى›› نى چېكىپ، تەكشۈرۈش كودىنى كىرگۈزۈپ، سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، بېلەت تاشلاش سىستېمىسىغا كىرىپ، چۈشەندۈرۈش بويىچە بېلەت تاشلىسا بولىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ بېلەت تاشلاش ۋاقتى 15 – نويابىر سائەت 24تە ئاخىرلىشىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر