باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيە ھەربىي توشۇغۇچى ئايروپىلانىنىڭ بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

2014.11.14 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 13-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، روسىيە ھەربىي توشۇغۇچى ئايروپىلانىنىڭ ئىستونىيە ۋە لىتۋا ھاۋا تەۋەلىكىگە بېسىپ كىرمىدى، دېدى.

  گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان روسىيە ھەربىي توشۇغۇچى ئايروپىلانىنىڭ ئىستونىيە ۋە لىتۋانىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە بېسىپ كىرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرىگە قارىتا، روسىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، رەددىيە بەردى. باياناتتا مۇنۇلار دېيىلدى: مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى، روسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يىر 76 بەللگىلىك بىر توشۇغۇچى ئايروپىلانى ئالدىن بەلگىلەنگەن پىلانغا ئاساسەن، روسىيەنىڭ پۇسكىۋ شەھىرىدىن كالىنىنگراد شىتاتىغا ئۇچقان، ئايروپىلان باللتىق دېڭىزىدىكى بىتەرەپ سۇ دائىرىسى ھاۋا بوشلۇقىدا بەلگىلەنگەن لېنىيە بويىچە ئۇچۇپ، تەۋە بوشلۇقتىن پايدىلىنىش ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا بەلگىلىمىلەرگە قەتئىي بوي سۇندى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر