يېقىندا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تەيلەي ناھىيەسى تاڭچى بازىرى تاڭچى كەنتىدىكى ئاھالىلەر يەر كولاۋېتىپ ئىككى دانە زەمبىرەك ئوقى بايقىغان . بۇ زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 33 سانتىمېتىر ، دىيامېتىرى 8 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى 2 كىلوگىرام كېلىدىكەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بېكىتىشىچە ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ زەمبىرەك ئوقى ئىكەن ، بۇ ئوقلار گەرچە داتلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن يەنىلا پارتلاش كۈچىدىن قالمىغان . نۆۋەتتە زەمبىرەك ئوقى بىخەتەر رايوندا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ ، مەركەزلەشتۈرۈپ يوقىتىلىدىكەن . تەيلەي ناھىيەسى ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا ۋەتەن سۆيەر گېنېرال ما جەنشەن قوماندانلىقىدىكى ‹‹جياڭچياۋ جېڭى›› بولغان جاي ، يېقىنقى ئىككى يىلدا تەيلەي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئورگىنى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەر خىل زەمبىرەك ئوقىدىن جەمئىي 16 نى، ئوقتىن 1000 دانە ئەتراپىدا بايقىغان. (خاۋ جىنفېي)