باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پۇقرالىرى جۇڭگو-ئامېرىكا ۋىزا ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

2014.11.13 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون كېررى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا ۋىزىدا ئۆز ئارا ئېتىبار بېرىشتىن نەپكە ئېرىشكەن جۇڭگولۇق ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا يېڭى ۋىزا تارقىتىپ بەردى.

  بۇندىن بۇرۇن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرىگە بېرىپ سودا، ساياھەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەنە بىر تەرەپ پۇقرالىرىغا كۈچكە ئىگە ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئون يىلغا يېتىدىغان كۆپ قېتىم چېگرىدىن كىرىش ۋىزىسى تارقىتىش، ئوقۇشقا بارىدىغان پۇقرالارغا كۈچكە ئىگە ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بەش يىلغا يېتىدىغان كۆپ قېتىم چېگرىدىن كىرىش ۋىزىسى تارقىتىشنى جاكارلىغان ئىدى.

  ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسى مۇنداق دېدى: بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ پايدىسىدىن دائىم ئامېرىكا-جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا بېرىپ كېلىدىغان ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھەر يىلى ۋىزا ئىلتىماس قىلىشى ھەم ۋىزا ھەققى تاپشۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. بۇنى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر قارشى ئېلىش مۇمكىن. كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان خىزمەت سالمىقىنىڭ ئېشىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا تەدبىر قوللىنىپ، ۋىزىنى قاراپ چىقىشنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

  ئامېرىكا ئەلچىخانىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بۇ قېتىمقى ۋىزا سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدە، بۇندىن بۇرۇن بېرىلىپ بولغان ۋىزىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى ئۇزارتىلمايدۇ، قولىدا كۈچكە ئىگە ھەم يېقىندا كۈچتىن قالغان ۋىزىسى بارلار يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس قىلغاندىلا، ئاندىن كۈچكە ئىگە ۋاقتى ئۇزارتىلغان ۋىزىغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇندىن باشقا، ۋىزىدا ئۆز ئارا ئېتىبار بېرىدىغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقىتلىق سىياسەت ئەمەس، شۇڭا كۈچكە ئىگە ۋىزىسى بارلار ياكى نۆۋەتتە ساياھەت پىلانى يوقلارنىڭ ئالدىراپ ۋىزا ئىلتىماس قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر