باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

2014.11.14 09:53   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

لى كېچياڭ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 13-نويابىر چۈشتىن كېيىن بېرمىنىڭ پايتەختى نىبدۇدا جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەتنىڭ رەھبىرى يىغىنغا قاتناشتى. لى كېچياڭ بېرما زۇڭتۇڭى تېيىن سېيىن بىلەن يىغىنغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، كەڭ ئورتاق تونۇشقا كەلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنى باشتىن-ئاخىر ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى نىشانى قىلىدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىدىكى يېتەكچى ئورنىنى قوللايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ چىقىدۇ. لى كېچياڭ بۇ ھەقتە مۇنداق ئالتە تەكلىپ بەردى: 1- جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ ئىستراتېگىيەسىنى بىرلىكتە پىلانلىساق. 2- جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى بىرلىكتە ئۆستۈرسەك. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتىنى تاماملاشقا تېرىشساق. 3-ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي تورىنى تېزدىن قۇرۇساق. 4-دېڭىز ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىلىرىنى ئەستايىدىل بارلىققا كەلتۈرسەك. 5-ئەنئەنىۋى ساھەلەر ۋە ئەنئەنىۋى بولمىغان ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېرىشىپ كاپالەتلىك قىلساق. 6-ئادىمىيەت، پەن-تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ساھەلىرىنى پائال ئاچساق.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئالتۇن ئون يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، ھازىر باشلىنىش نۇقتىسى تېخىمۇ يۇقىرى، مەزمۇنى تېخىمۇ مول، ھەمكارلىقى تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان ئالماس ئون يىلغا قەدەم قويۇپ، تەبىئىي شارائىت، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلەرنى ھازىرلىدى. مەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تېرىشىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، ئىككى تەرەپ خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، رايون، ھەتتا دۇنياغا تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىقنىڭ پارلاق نۇرىنى چاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)