باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون قاتارىغا كىردى

2014.11.14 13:18         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى ياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگلىشىچە، پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ۋە مەركەز ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹دۆلەتنىڭ يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ئۆلكە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى دەلىللەش يىغىنى›› يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان. شىنجاڭ، جېجياڭ، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون 4 – تۈركۈمدىكى دۆلەتنىڭ يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ئۆلكە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى دەلىللىشىدىن ئۆتكەن. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەتنىڭ يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون قاتارىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كېيىنكى قەدەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ‹‹N+1›› ئومۇمىي رامكىسى بويىچە يولغا قويۇلىدۇ. ‹‹1›› بىر سۇپا دېگەنلىك بولۇپ، بۇ، ئۇچۇر يوللاش قانىلى، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ئۇچۇر بايلىقى مەنبەسى، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ياردەم سىستېمىسى، كۆپ تىللىق مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹N›› بولسا ‹‹N›› قېتىم ئەمەلىي قوللىنىش دېگەنلىك بولۇپ، كەنت ئىشلىرىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش سىستېمىسى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق 14 ئاساسىي مۇلازىمەتتە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان سىستېمىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە شىنجاڭ يېزىلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشتا ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان بەش چوڭ ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى، يەنى يېڭى يىپەك يولىدا داڭلىق ماركا يارىتىش ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى مەنبەسىدىن تەكشۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ. يىپەك يولىدىكى دېھقانلار ئائىلىسى›› يېزا ساياھەت ئۇچۇر مۇلازىمىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى، خاس مىللىي مەدەنىيەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئۇچۇر مۇلازىمىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى، خاس كەسىپ، ئەشيا بىرلەشمە تور تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسىدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەتنى تۆۋەنگە كېڭەيتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۇچۇر سۇپىسىغا مەركەزلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۈرۈشلەشكەن ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر