باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ>>مۇھىم سۆز

شى جىنپىڭ بىلەن ئوباما مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

2014.11.14 13:13         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – نويابىر ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  شى جىنپىڭ سۆھبەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن كونكرېت نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ھەم ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىشىشى، ھەمكارلىشالايدىغان ساھەلەرنى تېخىمۇ كېڭەيتىشى زۆرۈر. جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ياخشى ھەمكارلاشسا، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغۇچى، دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى بولالايدۇ. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەقىل – پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، تەڭ ھەرىكەتگە كېلىپ، ئىككى تەرەپ، رايونلار ۋە دۇنيا قاتلىمىدىكى كېڭىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپ ۋە تۇيغۇن مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ كەڭ قورساق بولۇش ۋە ھەمكارلىشىش روھى بىلەن، بىرلىكتە خەۋپسىز مۇھىت بەرپا قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاسىيا خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئاسىيا ئىشلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ رايوندىكى مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بېرىپ، ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىرلىكتە تۆھپە قوشۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا بىر – بىرىنى چەتكە قاقماستىن، بەلكى بىر – بىرىنى تولۇقلىيالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئاسىيانىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى ۋە يىپەك يولى فوندى تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ تەشەببۇسلاردا ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھېچكىمنى چەتكە قاقماسلىق ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان. ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى قارشى ئالىمىز.

  شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى رولى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھازىرقى خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئىشتىراكچىسى، قۇرغۇچىسى ۋە تۆھپىكارى. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىشتە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. جۇڭگو ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە ب د ت تىنچلىق ساقلاش خادىملىرى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، ھازىرغىچە 20 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتتى. جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى دېڭىز قاراقچىلىرى قۇترىغان ئادېن قولتۇقىدا سۇ قاتنىشىنى قوغداشقا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 45 قېتىم ھەربىي پاراخوت ئەۋەتتى. جۇڭگو ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىزچىل قوللىدى؛ غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن ئېبولا يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگو خەلقى يۇقۇملانغانلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىپ، تۆت تۈركۈمدە 750 مىليون يۈەنلىك بۇيۇملار بىلەن ياردەم بەردى، ھازىر 300 دىن ئارتۇق تېببىي خادىم يۇقۇم رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت كۈچى ۋە ئورنىمىزغا مۇناسىپ تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز. بىز ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەر خىل خىرسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، قەتئىي تەۋرەنمەي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

  ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىلىرىگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ، ھەممىگە ئايان پاكىت. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ، ئىختىلاپلارنى ئىجابىي يوسۇندا تۈگىتىپ، چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئوباما مۇنداق دېدى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 35 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەمكارلىق ۋە ئالاقە تېخىمۇ كۆپەيدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكا – جۇڭگو ھەمكارلىقى ئامېرىكىغىمۇ، جۇڭگوغىمۇ، دۇنياغىمۇ پايدىلىق. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور. مەيلى ئىككى دۆلەت، رايونلار ياكى دۇنيا قاتلىمىدا بولسۇن، ئامېرىكا جۇڭگونى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ بىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى قايتا تەڭشەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يادروسى. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، پەرق ۋە ئىختىلاپلارنى سەمىمىي ۋە ئىجابىي سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تۈگىتىپ، بىرلىكتە يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالايدۇ. ئامېرىكا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر