باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ «داستىخاندىكى بۇلغىنىش» نى ئوڭشاپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلايلى، دەپ تەكىتلىدى

2014.11.14 13:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئۈلۈشكۈن ۋە تۈنۈگۈن فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شامىن شەھىرىدە «داستىخاندىكى بولغىنىش» نى ئوڭشاش نەخ مەيدان يىغىنى ئاچتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ گاۋلىنىڭ ھاۋالىسىغا بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: فۇجيەن ئۆلكىسى 2001-يىلى مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن «داستىخاندىكى بۇلغىنىش» نى ئوڭىشىغاندىن بۇيان، كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى، فۇجيەننىڭ بۇ جەھەتتىكى نۇرغۇن ئىزدىنىشلىرىنى ئەينەك قىلىشقا، ياخشى ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا، ياخشى تەجرىبىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. جايلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، «ئېتىزدىن داستىخانغىچە» بولغان پۈتۈن جەرياندىكى ئاشلىق بىخەتەرلىكى خېيىمخەتىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ھۆكۈمەت يەر تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەر ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئورتاق ئوڭشايدىغان بېرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىشى كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەرلىكنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ كەسپىي، ئىلمىي، سىستېمىلىق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا تىرىشىش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەر ناھىيە ۋە يېمەكلىكى بىخەتەر شەھەر بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى باشلاپ، تېخىمۇ كۆپ رايونلارنىڭ شۇنىڭدەك پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر