خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-نويابىر، «ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22-نۆۋەتلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى»دا خاتىرە پوچتا ماركىسى تارقىتىلدى. 12-نويابىر، شىنجاڭ پوچتا شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى تارماق شىركىتى ياڭزىجياڭ يولى تارماق پوچتىخانىسى خىزمەتچىسى «ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22-نۆۋەتلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى»نىڭ خاتىرە پوچتا ماركىسىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ پوچتا ماركىسىنىڭ بىر يۈرۈشى بىر تالدىن بولۇپ، پوچتا ماركىسىدا 2014-يىللىق APEC يىغىنىنىڭ بەلگىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، APEC تىكى ھەر قايسى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىلەرنىڭ ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرەققىيقىلىشى ئىپادىلەنگەن.
مەنبە: خەلق تورى