باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە سۇچىلىق ئىشلىرىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈشنى سۇچىلىق ئىشلىرى بويىچە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك

2015.07.27 15:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ۋە مەملىكەت بويىچە سۇچىلىق سىستېمىسىنىڭ مەسئۇللىرى 25 - ئىيۇل ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، مەملىكەت بويىچە سۇچىلىق ئىشلىرىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا بەش يىلدىن بۇيانقى سۇچىلىق ئىشلىرىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى خۇلاسىلەندى. 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندا سۇچىلىق ئىشلىرىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ۋە سۇچىلىق ئىشلىرىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈش مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  سۇچىلىق مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر چېن لېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  2010 - يىلى ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە سۇچىلىق ئىشلىرىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا 73 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز سالغان مەبلەغ 31 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، 3 مىليون 600 مىڭ دېھقان - چارۋىچىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. يەكەن دەرياسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تاماملاندى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: «سۇچىلىق گۈللەنسە، شىنجاڭ گۈللىنىدۇ» دېگەن ئىدىيەنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (شەھەر)لەر بىلەن بىرلىكتە مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پائال پىلانلايمىز ۋە جايىدا ماسلاشتۇرىمىز. سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرى بويىچە ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى ۋە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز؛ زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تارىم دەرياسى ۋادىسى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى بالدۇرراق يولغا قويۇپ، سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇ مەنبەسىنى بۇغۇشنى تۈگىتىپ، مەركەزنىڭ مەبلەغ سېلىش، ياردەم بېرىشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە سۇچىلىق ئىشلىرى ئارقىلىق تۈرتكە بولىمىز. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (شەھەر) لەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش، مۇھىم دەريا - ئېقىنلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، مەبلەغ ۋە تۈرلەردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى سۇچىلىق تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن بەھىرلەندۈرىمىز.

  چېن لېي مۇنداق دېدى: 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە سۇچىلىق ئىشلىرىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىدىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى چۆرىدەپ، سۇچىلىق ئىشلىرىدا مۇقىملىققا تۈرتكە بولىدىغان، تەرەققىياتقا پايدىلىق، ئەلرايىغا باقىدىغان، ئەلنى مايىل قىلىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشىمىز، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، بىڭتۈەننى سۇچىلىق ئىشلىرىدا قوللاشنى زورايتىپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈشنى سۇچىلىق ئىشلىرى بويىچە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  سۇچىلىق مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرىدىن چياۋ يۇڭ، جۇ شۆۋېن، ليۇ يامىڭ، چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن ليۇ شىنچى، چيەن جى، ۋاڭ شىجياڭلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى سۇچىلىق ئىسلاھاتى تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى. (مۇخبىر لى شىڭ خەۋىرى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر