خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 24-ئىيۇل جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلاش ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى تور كىنو-تېلېۋىزىيە مەركىزى بىلەن شىنجاڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بېيجىڭدا كېلىشىم ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ، شىبە جەڭچىلىرىنىڭ شىنجاڭ چېگراسىنى قوغدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مىللىي كىنو «ئىلىغا سەپەر»نى سۆرەتكە ئالىدۇ.
ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا، ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى كىنو-تېلېۋىزىيە مەركىزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئەسەرلەر كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىگە چوڭقۇر ئىگە قىلىپ، توغرا بولغان تارىخ قارىشى، مىللەتلەر قارىشىنى تىكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان جانلىق ماتېرىيال قىلىپ چىقالايدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گۇەن شياۋجۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزگىچە چېگرا تېمىسى، گۈزەل مۇھەببەت ھېكايىسى، ۋەتەننى سۆيۈشتەك مەڭگۈلۈك تېما، قۇملۇق ۋە ھەيۋەتلىك قوشۇن كۆرۈرمەنلەرگە بىر مەيدان يىپيېڭى كۆرۈش سەزگۈسى ئاتا قىلىدىكەن، ھەمدە مىللىي رايونلارنىڭ كۆرۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدىكەن. شۇڭلاشقا بۇ فىلىمنىڭ بازىرى ۋە بېلەت كىرىمى ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
ئارقا كۆرۈنۈشى:
250 يىل بۇرۇن چىڭ سۇلالىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭغارلار ۋە چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى تىنجىتىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىنى بىرلىككە كەلتۈردى. ئىچكى توپىلاڭنى يوقىتىپ ۋە تاشقى تاجاۋۇزغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، چيەنلۇڭ خان يارلىق چۈشۈرۈپ، شەرقىي شىمالدىكى شېنياڭدىن 1200 نەپەر شىبە باتۇر چەۋەنداز ئوقياچى بىلەن 3000دىن ئارتۇق ئائىلە تاۋابىئاتىنى ئېلىپ ئىلىغا بېرىپ يەر ئېچىپ، چېگرانى قوغداشقا پەرمان قىلدى. بۇ جەڭچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋەتەننى قوغداپ، تەسىرلىك چېگرا ھېكايىسىنى پۈتۈپ چىقتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى