ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 29-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، بوئىن شىركىتىنىڭ ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ھىندى ئوكياندىكى فىرانسىيىگە قاراشلىق رېئۇنىئون ئارىلىدا بايقالغان ئايروپىلان قالدۇقلىرىنىڭ سۆرىتىگە قارىتا ئېلىپ بارغان دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىنجىسىگە قارىغاندا ،بۇ قالدۇقلار بىلەن بوئىن 777تىپلىق ئايروپىلاننىڭ قوشۇمچە قاناتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىردەك ئىكەن، 2014-يىلى 3-ئايدا يوقاپ كەتكەن مالايسىيانىڭ MH370-قېتىملىق ئايروپىلانىمۇ دەل بوئىن 777تىپلىق ئايروپىلان ئىدى.
مالايسىيا قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرىنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرىشىچە،مالايسىيا ھۆكۈمەت تەرەپ ئاللىقاچان بىر ئۆمەكنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا ئەۋەتكەن.چۈنكى مەيلى قانداق قالدۇق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىنى چوقۇم تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق MH370-قېتىملىق ئايروپىلان شۇ ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتكىلى بولىدىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى