باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتى 10- ئايدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

سۇغۇرتا ھەققىنىڭ تەڭشلىشى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

2015.07.30 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر يىلدا كارخانىلارنىڭ 27 مىليارد يۈەن يۈكى يىنىكلىتىلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى فوندى ئېشىنچىسى مۇۋاپىق قالدۇقتىن ئېشىپ كەتكەن رايونلاردا تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى.

  «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى نىبسىتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» مۇنۇلار ئوتتۇرىغاقويۇلدى: ئوخشىمىغان ساھەدە ئىشتا يارىلىنىش خەتىرىنىڭ دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا تەرتىپ بويىچە بولغاندا ساھەلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش خەتىرى جەمىئىي سەككىز تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ساھە تۈپ ھەققى نىسبىتى بويىچە: بىرىنچى تۈردىن سەككىزىنچە تۈرگىچە شۇ ساھەدە ئادەم ئىلىشتىۋاتقان ئورۇندىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %0.2، %0.4،%0.7،%0.9،%1.1، %1.3، %1.6، %1.9 ئەتراپىدا بولىدۇ.

  بۇ قېتىملىق سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىش، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنىڭ تەڭشىلىشى بىلەن مەملىكەت بويىچە كارخانىلارنىڭ 15 مىليارد يۈەن يۈكى يىنىكلىتىلدىكەن. سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدىكەن، ھەر يىلى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر