باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە 38 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىيان قايتۇرۇۋېلىندى

2015.07.30 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دېلونى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسى دېلونى ماسلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خەن جىنپىڭ 29-ئىيۇل مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمى تور بېكىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇ يىل 6-ئايغىچە، مەملىكىتىمىزدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى چىرىكلىشىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىللە، 38 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىياننى ئۈنۈملۈك قايتۇرۇۋالدى. بۇ سان ئۈزلۈكسىز يېڭىلانماقتا.

  خەن جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى دېلولارنى تەكشۈرۈپ چارە كۆرۈش جەريانىدا، ئەگەر، ئەمەلدارلار چىرىكلىشىش قىلمىشى ئارقىلىق، پۇل پارە ئېلىش بىلەن بىللە دۆلەتكە ئىقتىسادىي زىيان سالغان بولسا، ئۇلار دېلو بېجىرىش بىلەن بىللە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ياكى رايونلارغا ئىقتىسادىي زىياننى قايتۇرۇۋېلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق دۆلەتنىڭ نۇرغۇن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيىنىنى قايتۇرۇپ كەلدى.

  خەن جىنپىڭ: خىيانەتچى، چىرىكلەشكەن كادىرلارنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ ئېرىشكەن تاپاۋىتى ئىككى خىل ئەھۋالغا بۆلۈنىدۇ، بىرى، جىنايەتكە چېتىلىدىغان سومما، يەنى دېلو ئەدلىيە تەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشى ئارقىلىق جىنايەتكە چېتىلىدىغان تاپاۋىتى بېكىتىلىدۇ؛ يەنە بىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بېكىتكەن پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ ئېرىشكەن تاپاۋىتى، بۇ قىسمىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى يىغىدۇ ھەم دۆلەت غەزىنىسىگە تاپشۇرىدۇ، دېدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر