باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ۋە تولۇقلاش كېرەك(1)

لى كېچياڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى

2015.07.30 16:25   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ۋە تولۇقلاش كېرەك(1)

  «خەلق تورى» ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ئىيۇل خەلق سارىيىدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ۋە تولۇقلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى. خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپلىشىپ كۆپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادى جاپالىق جانلىنىۋاتقان، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايونلىرىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئىككى دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس ۋە ئورتاق مەسئۇلىيەت ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. زۇڭتۇڭ ئەردوغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھەر قانداق كىشىنىڭ تۈركىيە چېگراسى ئىچىدە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، بارلىق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. جۇڭگو بۇنى تەرىپلەيدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ زىچ ئالاقىلىشىپ، سىياسەت جەھەتتە ئالاقىلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن ئاخىر توغرا يولدا ئالغا بېسىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە مىللىي گۈللىنىشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كەلدى. جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىشىش دائىرىسى كەڭ، ئىستىقبالى پارلاق. ئىككى تەرەپ ھەر قايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت-سائادەت يارىتىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات ئسىتراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھەلەر، ساياھەتچىلىك، مەدەنىيەت، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ب د ت، 20 دۆلەت گۇرۇھى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش، كېلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  ئەردوغان مۇنداق دېدى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىزچىل ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە قاراپ كەلدى، تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىيات بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقاردى. تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 45 يىل بولغانلىقىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيە جۇڭگو بىلەن تەڭ تىرىشىپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، پەن-تېخنىكا، سانائەت، ئۇل ئەسلىھەلەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  ئەردوغان مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قەتئىي قوللايدۇ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىدۇ، بۇ جەھەتتە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزغۇنچى كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۈركىيەمۇ تېررورلۇقنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان دۆلەت. تۈركىيە ۋە غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايونىدىكى تېررورلۇق ۋەزىيىتى كەسكىن بولماقتا، خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىق خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈرلۈك شەكىلدىكى تېررورلۇق كۈچلەرگە قەتئىي زەربە بېرىدۇ ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئەردوغان مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئەزاسى. تۈركىيە جۇڭگو بىلەن زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتلىشىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا ئەردوغاننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لېيۈەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن چاڭجى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جېچى، دۆلەت كومىسسارى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۈن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لو فۇخې قاتارلىقلار مۇراسىمىغا قاتناشتى.

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …
      ·خەنزۇتىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلار ۋە «قوش تىل» سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇندال…
      ·ئىچكىردىكى  شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تە…
      ·ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ 0 ﻧﻮﻣﯘﺭﺩﯨﻦ 100 ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﯩﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ
      ·نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس
      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…