خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:)ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى(: كورلا شەھەر يېڭشەھەر يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن مەكتەپتىكى 3-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە بولغان ئۆگىنىش، ئەخلاق، ئىنتىزامدا ياخشى 50 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى كورلا شەھەرلىك كۈتۈپخانا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق موزىيخانا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پەن-تېخنىكا سارىيى، ۋە كورلا شەھىرىنىڭ تەرەققىيات رايونى، كاككۇك دەريا ساھىلى، چىمەن تاغ ئارامگاھى، كۆنچى دەرياسى قاتارلىق مەنزىرلىك رايونلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى كورلا شەھەرىنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى.
سۈرەتتە: يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپنىڭ 28-ئىيۇن ئېلىپ بارغان ئېكىسكۇرسىيە پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى