باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>بىلىم ــ كۈچ

ئاندرويدنىڭ ئەجەللىك يوچۇقى بايقالدى

خاككېرلار رەڭلىك ئۇچۇر ئەۋەتىپلا يانفوننى كونترول قىلالايدۇ

2015.07.30 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) تور بىخەتەرلىك شىركىتى نىڭ تەتقىقاتچىلىرى 27-ئىيۇل پۈتۈن يەرشارىدا ئىشلىتىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان كۆچمە ئۈسكۈنە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىرى بولغان ئاندرويدتا «ئەجەللىك» بىخەتەرلىك يوچۇقى بارلىقىنى، خاككېرلارنىڭ پەقەت ئاددىيلار بىر رەڭلىك ئۇچۇر يوللاپلا، ئابونتقا قىلچە سەزدۈرمەي تۇرۇپ يانفوننى پۈتۈنلەي كونترول قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

  بۇ شىركەتنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا بىخەتەرلىك يوچۇقى ئاندرويدنىڭ كۆپ خىل نۇسخىسىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، يېڭىلىنىشى ئاستا بولغانلىقتىن، مۆلچەردە ھازىرقى %95 يەنى 950 مىليون ئاندرويد سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان يانفون تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.

  بۇ شىركەت سەل ئىلگىرى بۇ بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى گۇگىل شىركىتىگە مەلۇم قىلغان ھەمدە ئۆزلىرى ياسىغان ياماق پروگراممىسىنى تەمىنلەپ بەرگەن، نۆۋەتتە گۇگىل شىركىتى بۇ ياماقلارنى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىغا تەمىنلىگەن بولسىمۇ ئەمما ياماقلارنىڭ ئىشلەتكۈچى ئابونتلارنىڭ قولىغا يېتىپ بېرىشىغا دائىم نەچچە ئاي كېتىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر