جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىۋاتقان تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىپ ئەردوئان 30-ئىيۇل بېيجىڭدا جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چېن گۇاڭيۈەن قاتارلىق بىر قىسىم مۇسۇلمانلار بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ سەمىمىي دوستانە كەيپىياتتا سۆھبەتلەشتى.
چېن گۇاڭيۈەن جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا ۋەكالىتەن زۇڭتۇڭ ئەردوئاننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ھەمدە ئېلىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، دىنىي پائالىيەتلىرى، تەشكىللىك ھەج قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ دوستانە ئالاقىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
زۇڭتۇڭ ئەردوئان ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگونىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ئەربابلار ھەر مىللەت مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىغا دىنىي تۇرمۇش، دىنىي تەربىيە، ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ۋە قوللىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى سۆيىشى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغدىشى، دۆلەتنى پارچىلايدىغان ۋە تېرورلۇق پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق قىلمىشلارغا قارشى تۇرىشى كېرەك. مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنىڭ كەڭ قورساقلىق، رەھىمدىللىق، تىنچلىق تەشەببۇسلىرىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىچكى قىسىمدىكى ئىتتپاقلىقنى كۈچەيتىپ، دىننى دەستەك قىلىپ ئىختىلاپ ۋە قانلىق توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان ئەسەبىي قىلمىشلاردىن ھوشيار بولۇشى كېرەك. ئۇ، تۈركىيەنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.