باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى بىرلەشمە باياناتىغا ئىجابىي باھا بەردى

2014.11.13 16:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تۈنۈگۈن «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتى»نى بىرلىكتە ئېلان قىلىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىس، ئالىملار بۇنىڭغا ئىجابىي باھا بەردى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون بايانات ئېلان قىلىپ: بۇ 2015-يىلى پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ دېدى. ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋان رۇمپېي بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جونكېر بىرلىشىپ بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جاسارىتىنى ساقلاش ھەمدە پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا ئىشەنچلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا تىرىشىشنىڭ ئەھمىيىتى زور. فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىئۇس بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىرادىسى بارلىق دۆلەتلەرنى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش سېپىگە قاتنىشىشقا، كىشىلەرنى بۇندىن كېيىن كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇشقا ئۈندەيدۇ. ئاۋسترالىيە ئۆكتىچى پارتىيەسىنىڭ داھىيسى بىل شياۋتېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ باياناتى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە كەسكىن پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بايانات برىسبان 20 دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش قا مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر