- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىشكە ھوقۇق بېرىشنى ئۇزارتتى
2014.11.13 16:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن بىردەك قارار ماقۇللاپ، ھەر قايسى دۆلەت ھەمدە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ سومالى دېڭىز ساھىلىدە سومالى دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە دېڭىزدا قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىشكە ھوقۇق بېرىشنى بىر يىل ئۇزارتتى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى بويىچە ھەر قايسى دۆلەت ھەمدە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ سومالى دېڭىز ساھىلىدە سومالى دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىشكە بېرىلگەن ھوقۇق شۇ كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئۇزارتىلىدۇ. قاراردا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ھوقۇق بېرىش سومالى ۋەزىيىتى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، بۇنى ئادەت خەلقئارا قانۇنى دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ. 4-نويابىر سومالى دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلغانلىقى ھەققىدىكى خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇزارتىش ھوقۇقى بېرىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر