باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ئىستراتىگىيەسىنى تەڭشەيدۇ؟(1)

2014.11.13 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما يېقىندا ئىراققا ئەسكەر كۆپەيتىش- ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش كۆرۈشىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دىرەك بېرىدۇ، دېدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوباما ئارمىيەگە ھوقۇققا ئىراققا 1500ئامېرىكا ئارمىيەسىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىش ھوقۇقى بەرگەنىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئوبامانىڭ قوللانغان يۇقىرىقى قەدەم باسقۇچلىرى- ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىستراتىگىيەسىنى تەڭشەشكە باشلىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. ھاۋادىن زەربە بېرىش ۋاستىسىنى داۋاملىق قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراقتىكى يەرلىك قۇراللىق كۈچلەرنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىدۇ، ئىراقتىكى يەرلىك قۇراللىق كۈچلەرنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە يەر يۈزىدىن ھۇجۇم قىلىشىغا تېخىمۇ كۆپرەك تايىنىدۇ.

  ئامېرىكا ئارمىيەسى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىر تەرەپتىن ھاۋا ھۇجۇمى-ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە خەۋەرلىشىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، بولۇپمۇ ھاۋا ھۇجۇمى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق كۈچلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يىغىلىش ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلغۇزمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھاۋا ھۇجۇمى يەنە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ئارمىيەسىىمۇ: گەرچە ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولدى دەپ ھېسابلىدى.

  8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۆرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراق تەۋەسىدىكى نىشانلىرىغا زەربە بەردى ھەمدە 9-ئايدا ھاۋا ھۇجۇمى دائىرىسىنى سۇرىيەگە كېڭەيتتى. ئامېرىكا جامائەتچىلىكى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھاۋا ھۇجۇمى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ نۇرغۇن قۇرال جابدۇقلىرىنى ۋەيران قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىدىنمۇ نۇرغۇن ئادەم ۋە ماددى ئەشىيا زىيانغا ئۇچرىدى.

  بومباردىمان قىلغان ۋاقىتتىكى توغرىلىق دەرىجىسىنى قانداق ئۆستۈرۈش-ئامېرىكا ئارمىيەسىنى قىيناۋاتقان قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. ھاۋا ھۇجۇمى دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق خادىملىرى كوچا رەستىلەرگە كىرىپ، پۇقرالار ئارىسىغا يۇشۇرۇندى، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.

  ئامېرىكىنى تېخىمۇ گاڭگىرتىۋاتقىنى شۇكى، ئامېرىكا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغاندىن بۇيان، ئىراق تەۋەسىدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق خادىملىرى ئازايمايلا قالماستىن ئەكىسچە زور دەرىجىدە كۆپەيدى.

  ئامېرىكا ئارمىيەسى شىتاب باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى دىمپىسى ئىلگىرى يەر يۈزى ئۇرۇشىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنى بېچىتت قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلىگەنىدى. ئەمما ئامېرىكا بىۋاستە يەر يۈزى ئۇرۇشىغا ئارىلىشىشنى خالىمىدى. ئامېرىكا تەربىيەلەش ۋە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە كورد قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ يەر يۈزى ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر