باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پېڭ لىيۈەن مېكسىكا زۇڭتۇڭى رەپىقىسى رىۋېرا بىلەن ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2014.11.14 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن مېكسىكا زۇڭتۇڭىنىڭ رەپىقىسى رىۋېرانى «ئارمىيە يازغۇچىلىرى ۋە سەنئەتكارلىرىنىڭ بۆشۈكى» دېگەن نامى بار ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  رىۋېرا ئىنستىتۇتقا يېتىپ بارغاندا، پېڭ لىيۈەن ۋە ئىنستىتۇتنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. پېڭ لىيۈەن رىۋېرا بىلەن مىللىي ۋە ھەربىي ئىشلارنى باش تېما قىلغان گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىنى كۆردى، ئىنستىتۇت رىۋېراغا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئىجاد قىلغان مەنزىرە رەسىملىرىنى سوۋغا قىلدى. ئىككىيلەن ئارقىدىن ئىنستىتۇتنىڭ ئۇسسۇل، مۇزىكا، تىياتىر ئوقۇتۇش كۆرگەزمىسىنى كۆردى. جۇڭگونىڭ كىلاسسىك ئۇسسۇلى، مىللىيچە ئۇسسۇل، مۇزىكا، ناخشا قاتارلىق نومۇرلار مىللىيچە ئالاھىدىلىك، ھەربىيلەرنىڭ سالاپىتى ھەم جۇڭگوچە بىلەن غەربچە بىرلەشتۈرۈلگەن سەنئەت ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈردى. ئوقۇغۇچىلار يەنە مېكسىكا دىرامىسى «ئىجتىمائىي ئوبراز»نىڭ بىر بۆلىكىنى مەخسۇس ئورۇنلىدى. ئېكسكۇرسىيە مەزگىلىدە، پېڭ لىيۈەن بىلەن رىۋېرا ئىنستىتۇتنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.

  رىۋېرا ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگوچە بىلەن غەربچىنى بىرلەشتۈرگەن ئوقۇتۇش قارىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتۇش سەۋىيەسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سەنئەت ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر