باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋاڭ مىڭ: خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسلاھاتتا ئىتتىپاقلىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك

2014.11.14 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىڭ 12-نويابىر: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسلاھاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى ۋە بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭدا بىردەك ئىتتىپاقلىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك دېدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 69-نۆۋەتلىك يىغىنى شۇ كۈنى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسىنى قاراپ چىقتى. ۋاڭ مىڭ سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسلاھاتىنى پائال قوللايدۇ، ئىسلاھاتنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپمۇ ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئالدى بىلەن كۆپەيتىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئوتتۇرا كىچىك دۆلەتلەرنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تەدبىر بەلگۈلەشكە قاتناشتۇرۇش ھەمدە تېخىمۇ زور رول ئويناش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسى»نىڭ باش مەقسىتى، پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تۈپ مىزانىنى ھەقىقىي قوغداش دەپ قارايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر