باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئەمەلدارى: ئۇكرائىنادىكى ھەر قايسى تەرەپلەر مىنىسكى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك

2014.11.14 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل ۋاقىتلىق ياردەمچى باش كاتىپى تروي بېل فرانزېن 12-نويابىر مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە يېقىنقى مەزگىلدە توقۇنۇش داۋاملىق كۆپىيىپ، كەڭ كۆلەمدە توقۇنۇش پارتلاش خېيىم-خەتىرىگە دۇچ كەلمەكتە، مەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مىنىسكى كېلىشىمنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.

  تروي بېل فرانزېن مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، يېڭى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى سىياسىي، قانۇن ۋە ئىقتىسادى ئىسلاھات ھەققىدىكى ۋەدىسىگە تېزدىن ئەمەل قىلىپ، ئۆكتىچى پارتىيە ئىتتىپاقى بىلەن ئىجابىي ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ ئۇكرائىنانىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇكرائىنانىڭ ئومۇميۈزلۈك مىللىي سۆزلىشىشنى دەرھال باشلاپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر