باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ زور خىيانەتچىلىكىنى
تۈزەشتە قاتتىق قول بولۇش كېرەك

2014.11.15 08:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلدىن بۇيان، خېبىي ئۆلكىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى دېلو بېجىرىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ ، بىر تۈركۈم «كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ زور خىيانەتچىلىك» دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، چىڭخۇاڭداۋ شەھىرىدىكى بىر مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك كادىر پارا ئېلىش، خىيانەتچىلىك قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىشلىتىشكە چېتىلىپ، ئۆيىدىن مىليوندىن ئارتۇق نەق پۇل، 37 كىلو ئالتۇن،68 يۈرۈش ئۆي مۈلۈك رەسمىيىتى تېپىلدى.

  ئادەتتە كۆزگە ئىلمايدىغان كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ مۇشۇنداق زور «خىيانەت كۈچى» بارلىقىنى كىممۇ ئويلاپ يەتسۇن. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى چەكلەش ۋە نازارەتتىن ئايرىلىپ قالسىلا «چىۋىنسىمان چېرىكلىك»مۇ ئوخشاشلا كىشىنى چۆچىتىدۇ. چوڭ يولۋاسقا سېلىشتۇرغاندا كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ چېرىكلىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئانچە تارتمايدۇ ھەم يوشۇرۇنلۇققا ئىگە. مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار يوشۇرۇنغان چېرىكلىك ئۆڭكىرىگە شۈبىھسىز قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. «كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ زور خىيانەتچىلىك» ئەھۋالىغىمۇ ئاگاھ بولۇشىمىز كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر