باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى

2014.11.14 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنى 15-ۋە 16-نويابىر ئاۋىسترالىيەنىڭ برىسبان شەھىرىدە ئېچىلىدۇ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ ھەمدە ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى تەڭشەشنى مۇزاكرە قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى پىلان تۈزىدۇ.

  20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئاۋىسترالىيەنىڭ زۇڭلىسى ئاببوت بۇ ئاينىڭ بېشىدا بايانات ئېلان قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ھازىرقى كۆزلىمە ئاساسىدا يەنە %2 ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى، ھەر قايسى ئەزالار بۇ نىشان ئۈچۈن كونكرېت ھەرىكەت پىلانى تۈزىۋاتىدۇ، دېدى.

  ھازىر 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىقتىساد كۆلۈمى دۇنيانىڭ %85تىنى، سودا سوممىسى دۇنيانىڭ %75تىنى، نوپۇسى دۇنيانىڭ 3\2 قىسمىنى ئىگەللەيدۇ. ئەگەر 20 دۆلەت گۇرۇھى كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىغىندىسىنى ھازىرقى كۆزلىمە سەۋىيەدىن يەنە %2تىن كۆپرەك ئاشۇرسا بۇ دۇنيادا 2 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي ھاسىلاتنىڭ ۋە نەچچە ئون مىليون ئىش ئورنىنىڭ كۆپيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بىراق ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيەسى ئوخشىمىغاچقا، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ.

  20 دۆلەت گۇرۇھىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان ئاساسلىق ئەزالار ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى، ئىقتىسادى مۇقىم جانلىنىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىن خېلى ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىلقى 3-پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىللىق نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا %3.5 ئاشقان، بۇ 2-پەسىلدىكى %4.6لىك ئېشىشى سۈرئىتىدىن سەل ئاستىلىغان بولسىمۇ لېكىن بازارنىڭ كۆزلىمىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىكەن. بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش كەلگۈسىدىن ئانچە ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، ئىستېمال بېجىنى كۆپەيتىش سەۋەبلىك، ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ 2-پەسىللىك سېلىشتۇرما نىسبىتى %1.8، يىلغا سۇندۇرۇلغان نىسبىتى %7.1 تۆۋەنلىگەن. ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىمۇ 2014-مالىيە يىلىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى ئەسلىدىكى %1تىن %0.5كە چۈشۈرگەن.

  ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش مۇساپىسىدە تىركىشىۋاتقان ياۋروپا بولسا دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئاساسلىق خەۋپ ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيانقى بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرستىپ بەردى، ئاجىز جانلىنىش يەنە بىر قېتىم توختاپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.

  تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ سەۋىيەسى ئوخشاش بولمىغاندەك، 20 دۆلەت گۇرۇھىدىكى ئاساسلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىپادىسىمۇ ئوخشاش بولمىدى. جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق بىر قەدەر تېز ئېشىۋاتىدۇ، بىرازىلىيە بىلەن رۇسىيە بولسا ئىقتىساد كاساتلىشىش بېسىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ.

  جۇڭگونىڭ 3-پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئاشتى، بۇ 2-پەسىلدىكى %7.5تىن سەل تۆۋەن بولدى. لېكىن ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ھېسابلىشىچە دۇنيا مىقياسىدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى سۈرئىتى يەنىلا ئىنتايىن تېز ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو قۇرۇلما ئىسلاھاتى ۋە ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىۋاتقان بولغاچقا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى سەل ئاستىلىسىمۇ، لېكىن تېخىمۇ ساغلام ۋە تېخىمۇ سىجىل ئاشىدىكەن. دۇنيا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى %7.4، كېلەر يىلى %7.1 بولىدىكەن.

  ھىندىستان يېڭى ھۆكۈمىتى قوللانغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈم كۆرسىتىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادىمۇ قەدەممۇ قەدەم ياخشىلىنىۋاتىدۇ. ھىندىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ مالىيە يىلىدا ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %5.5كە يېتىدىكەن، بۇ ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكى %4.7تىن يۇقىرى بولغان. 9-ئايدا خەلقئارا باھالاش ئورگىنى ئۆلچەم ۋە پۇرىس شىركىتى ھىندىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئىناۋىتىنى ئۆستۈردى، بۇ ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  غەرب ئەللىرىنىڭ جازاسىغا ئۇچراش، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىتپ كېتىشى سەۋەبلىك رۇسىيە ئىقتىسادى بۇ يىل قىيىنچىلىقتا قالدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2014-يىلى رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى نىسبىتى ئاران %0.5 بولىدىكەن، 2015-يىلى يەنىمۇ ئاستىلاپ %0.3كە چۈشۈپ قالىدىكەن.

  ئالتۇن كېسەك دۆلىتى بىرازىلىيەنىڭ ئىقتىسادىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، 2011-يىلدىن باشلاپ بىرازىلىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىزلاپ كەتتى، سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 3-پەسىلدە بىرازىلىيە ئىقتىسادى %0.6 كېمەيگەن، بۇ بىرازىلىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۇدا 2 پەسىل كېمىيىشى، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشتا زور قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ.

  ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %2 ئاشۇرۇش نىشانىنىڭ باشلىنىشىلا ئانچە ياخشى بولمىدى، ئۇلار كەلگۈسى 4 يىلدا چوقۇم نۇرغۇن خىرىسلارغا ئۇچرايدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئەگەر ياۋروپا ئىقتىسادى داۋاملىق كاساتلاشسا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش رېتىمىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە نىسبەتەن، ياۋروپا خەۋپىنى قانداق تۈگىتىش ئالدىنقى ۋەزىپە. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە نىسبەتەن، پۇل پاخاللىشىشنى كونرول قىلىش، ئامېرىكىنىڭ پۇل سىياسىتىنى نورماللاشتۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان بازار داۋالغۇشى ۋە زەربە تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر