باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت–قەرز كوپىراتىپىنىڭ شەخسلەر تور بانكىسى مۇئامىلىدارلىرى 100 مىڭدىن ئاشتى

2014.11.13 15:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نىلۇفەر قاسىم، گۈلپىيە ئابلىز خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپىنىڭ تور بانكا كەسپى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلدى. 9 – ئايغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلار بىرلەشمىلىرىنىڭ شەخسلەر تور بانكا مۇئامىلىدارلىرى 100 مىڭدىن، كارخانا تور بانكا مۇئامىلىدارلىرى 10 مىڭدىن ئاشتى، مۇئامىلىدارلار يىل بېشىدىكىدىن 90 مىڭ 700ى كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %422.73كە، تور بانكا كەسپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %100كە يېتىپ، تىجارەت نۇقتىلىرىنىڭ تىجارەت بېسىمى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپىنىڭ تور بانكىسى سىستېمىسى 2013 – يىلى 9 – ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، بەزى كەسىپلەر يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. بۇ يىل 4 – ئاينىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، دېھقانلار مۇشۇ سۇپا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالالايدىغان ھەم ‹‹قاشتېشى›› كارتىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە ھېسابات قىلالايدىغان بولدى؛ 6 – ئايدا مالىيە نازارىتىنىڭ باجسىز كەسىپلەردىن ھەق ئېلىش سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، مۇئامىلىدارلار ‹‹قاشتېشى›› كارتىسىدىن پايدىلىنىپ، توردا باجسىز كەسىپلەر ھەققى ۋە قاتناش جەرىمانە سوممىسىنى تاپشۇرالايدىغان بولدى؛ بانكا بىلەن كارخانا بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، كارخانىلار بۇ سىستېما ئارقىلىق ئامانەت – قەرز كوپىراتىپى ھېساباتىدىكى مەبلىغىنى بىۋاسىتە تەڭشەپ ئىشلىتەلەيدىغان بولدى؛ پاراۋانلىق، تەنتەربىيە لاتارېيەسى سېتىش سىستېمىسى سۇپىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، مۇئامىلىدارلار توردا لاتارېيە بېلىتى سېتىۋالالايدىغان بولدى. ھازىر مۇئامىلىدارلارغا يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن توردا كەڭ بەلباغلىق تور، سىملىق تېلېۋىزىيە، سۇ، توك، گاز ھەقلىرىنى تاپشۇرۇش ۋە روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش تەييارلىقى جىددىي ئىشلەنمەكتە


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر