خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-چېسلا خەلق سارىيىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى كۈندىن بۇيان زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن ئىجابىي ۋە مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىز ئاننابورگ قورۇقىدىكى كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان نىشاننى قايتا تەكىتلەپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىشقا قوشۇلدۇق. بىز بۇ مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە يۆنىلىشىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدۇق.
ئوباما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 35 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى، ھەمكارلىق ۋە ئالاقە تېخىمۇ كۆپەيدى، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشى ئامېرىكىغا، جۇڭگوغا، دۇنياغا پايدىلىق. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. (دۇ شاڭزې، جاۋ چېڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى