باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇمۇل ۋوگزالى 19–نويابىردىن باشلاپ يولۇچىلار تىرانسپورتى كەسپىنى يولغا قويىدۇ

2014.11.13 15:01         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈەن لېينىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، قۇمۇل ۋوگزالى 19 – نويابىر سائەت 0دىن باشلاپ يولۇچىلار تىرانسپورتى كەسپىنى يولغا قويىدىكەن، قۇمۇل جەنۇبىي ۋوگزالىدىن ئۆتىدىغان يولۇچىلار 19 – نويابىردىن باشلاپ قۇمۇل ۋوگزالىدىن ئۆتىدىكەن، قۇمۇل جەنۇبىي ۋوگزالى يولۇچىلار تىرانسپورتى كەسپىنى بېجىرمەيدىكەن.

  بۇنىڭ تەسىرىدە، قۇمۇل ۋوگزالىدا توختايدىغان يولۇچىلار پويىزىنىڭ توختاش ۋە قوزغىلىش ۋاقتىدا ئۆزگىرىش بولىدىكەن. تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلارنىڭ پويىز كۈتۈش زالى، بېلەت سېتىش زالى، ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش نۇقتىلىرىدىكى ئۇقتۇرۇشلارغا دىققەت قىلىشىنى ياكى بولمىسا ئۈرۈمچى تۆمۈر يول يولۇچىلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 12306 تېلېفونىغا ياكى ۋوگزالنىڭ سۈرۈشتۈرۈش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىشىنى ئەسكەرتتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، يولۇچىلار پويىزلىرىنىڭ ئالدىن بېلەت سېتىش ۋاقتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن، يەنى: ئالاقە تورى، تېلېفون ئارقىلىق 20 كۈن بۇرۇن، بېلەت سېتىش كۆزنىكى(ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ئاپپاراتىدا 18 كۈن بۇرۇن بېلەت زاكاز قىلىشقا بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر