باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانى قارشى ئالدى

2014.11.13 09:16   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شى جىنپىڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانى قارشى ئالدى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-نويابىر خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، يۈ جېڭشىڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇندىن 35 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە خەلقى ئالاقىسىنىڭ يېڭى دەۋىرىنى باشلىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. جۇڭگودا كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس دېگەن سۆز بار. بىز ئىككى تەرەپ ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراققا نەزەر سېلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولىنىشنى بويلاپ مۇقىم، پۇختا ھالدا كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشمىز كېرەك.

  ئوباما مۇنداق دېدى: 35 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقىسى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كېچىكتىن زورىيىپ، ئەگرى توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتتى. ئىككى دۆلەت يېقىن ۋە مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكلىرى، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمدە. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغان قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  زىياپەتكە يەنە ۋاڭ خونىڭ، ليۇ يەندوڭ، ۋاڭ ياڭ، فەن چاڭلوڭ، لى جەنشۇ، جاڭ پىڭ، ياڭ جېچى، خەن چىدې، دوڭ جيەنخۇا قاتارلىقلار قاتناشتى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)