باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى قۇرۇلدى

2014.11.13 15:02         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋجىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى يېقىندا رەسمىي قۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا ئېغىز كېسەللىكلىرى مەركىزى ئاساسىدا قۇرۇلغان. دەسلەپكى ئېغىز ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئېغىز تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال بۆلۈمدىن ئېغىز كېسەللىكلىرى سىستېمىسىغا كېڭىيىپ، يەنە ئېغىز مېدىتسىناسى مەركىزى قۇرۇلۇپ، ھازىرقى سەككىز كەسپىي بۆلۈمى، 66 كېسەل كارىۋىتى بار، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېغىز كېسەللىكلىرى مەخسۇس دوختۇرخانىسىغا تەرەققىي قىلدى. ھازىر بۇ دوختۇرخانىنىڭ بۆلۈملىرى بىر قەدەر مۇكەممەل بولۇپ، ئېڭەك – يۈز تاشقى بۆلۈمى، چىش ئوقۇرى تاشقى بۆلۈمى، تۈزەش – ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى، شەكىل تۈزەش بۆلۈمى قاتارلىقلار بار.

  ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ھازىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيە بىناسى ۋە ئەسلىدىكى ئېغىز كېسەللىكلىرى مەركىزىدە قۇرۇلغان. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيە بىناسىنىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر